شىركەت تونۇشتۇرلىشى
    

جۇڭگو ئالاقە مۇلازىمتى پاي چەكلىك شىركىتى گوۋۇيۇەننىڭ ماقۇللىقى، گوۋۇيۇەن خەلق ئېگىلىكدىكى مۈلۈك باشقۇرۇش كومىتىتى تەستىقىدىن ئۆتكەن، دۆلەت سودا - سانائەتنى باشقۇرۇش باش ئىدارىسىغا ئەنگە ئېلىنىپ قۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى كارخانا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەن مىقياسىدا ئابونىتلارغا ئۇچۇر تورى قۇرۇش، تىجارەت ھالقىلرىنى سىرتقى ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەمىن ئېتىدۇ.  دۆلەت ئورگانىلرى، ئالاقە ۋە مېدىيا تىجارتچىلىرى، ئۈسكۈنە زاۋۇتلىرى ئابونىتلارنىڭ ئاساسى گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. شىركەت 2006- يىلى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى شىياڭگاڭدا پاينى بازارغا سالغان. 2007- يىلى 2- ئايدا، جۇڭگو ئالاقە مۇلازىمتى پاي چەكلىك شىركىتى رەسىمىي يوسۇندا "خېڭشېڭ جۇڭگو كارخانىلىرى كۆرسەتكۈچى" گە كىرگۈزۈلگەن .

شىنجاڭ گۇڭجۇڭ ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرى پاي چەكلىك شىركىتى جۇڭگو ئالاقە مۇلازىمتى پاي چەكلىك شىركىتى قارمىقىدكى بالا شىركەت بولۇپ، 2007- يىلى جۇڭگو ئالاقە مۇلازىمتى پاي چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن 6 يۇمشاق دېتال بازىسىنىڭ بىرى قىلىنىپ بېكىتىلگەن.  تىزىملاتقان مەبلىغى 61 مىليون 700 مىڭ يۈەن، ئاساسلىقى يۇمشاق دېتال ئېچىش، سىستېما توپلاشتۇرۇش، تېلېگراف ئاشۇرما قىممەت مۇلازىمىتى ۋە IT مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شىركەت دۆلەت تۆت مىنستىرلىكى تارقاتقان "دۆلەت پىلان ئچىدىكى نوقتىلىق يۇمشاق دېتال كارخانسى گۇۋاھنامىسى"، دۆلەت مەخپىيەتلىك ئىدارىسى تارقاتقان "دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە چېتشلىق كومپيىيوتېر ئۇچۇر سىستېمىسى توپلاشتۇرۇش بىرىنجى دەرىجىلىك سالاھىيەتنامىسى" ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرى مىنىستىرلىكى تارقاتقان "كومپيىيوتېر ئۇچۇر سىستېمىسى توپلاشتۇرۇشتىكى ئىككىنجى دەرىجىلىك كارخانا سالاھىيەتنامىسى" قاتارلىق گۇۋاھنامىلەرگە ئېرىشكەن . شىركەت يۇمشاق دېتال ئېچىش كۈچىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى كۆپىلىگەن داڭلىق IT كارخانىلىرى بىلەن ستىراتتىگىيىلىك تېخنىكا ھەمكارلىق بىرلەشمىلرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، 2006- يىلى بېيجىڭ تەتقىقات مەركىزىنى قۇرۇپ چىقتى. 2007-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە، شىركەت OA ۋە ئېلېكتېرلەشكەن مەمۇرىي ئىشلار، WEB قوللانمىسى، GISقوللانمىسى، PORTAL قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنى ئېچىش جەھەتتە نۇرغۇنلىغان خوشاللىنارلىق  نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇلارنىڭ ئىچىدە7 تۈرلۈك مەھسۇلات يۇمشاق دېتال مەھسۇلات گۇۋاھنامىسىگە ، 6 تۈرلۈك مەھسۇلات پەن-تېخنىكا نەتىجىسى تەستىقىغا، 5 تۈرلۈك مەھسۇلات يېڭى مەھسۇلات گۇۋاھنامىسىگە، 2 تۈرلۈك مەھسۇلات مۇكاپاتقا، 1 تۈرلۈك مەھسۇلات دۆلەت قوللىنىشچان يېڭى پاتنېتىغا ئېرىشكەن .